قورقۇنچلۇق ئامېرىكا

ۋاقىت: 2012-01-27 23:49 مەنبە:www.izdinix.com يوللىغۇچى:tumaq ئاۋاتلىقى:

 

   تۆۋەندە مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئەۋزەل مائارىپ سىستېمىسىدا ئەمەلگە ئاشقان قورقۇنچلۇق كۈچ – قۇدرەت ۋە ئۈنۈمسىز مائارىپ نەتىجىسىدە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان، مىليارت ئادەمنىڭ تەقدىرىگە چېتىلىدىغان تراگېدىيەگە مۇناسىۋەتلىك.

  90 بەتكە يېقىن چوڭ ھەجىملىك ماقالە بولغاچقا تېخى تەييار بولمىدى، بىر دەم ئۇششاق گەپ قىلغاچ تۇرىلى.
مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى لاڭ شيەنپىڭ بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ نامىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئىرەن قىلماپتىكەنمەن. بىر قېتىم نەنمىن شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرسەم، بىرىنچى قەۋەتتىكى تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار ئارىسىدا ساپلا شۇنىڭ كىتابلىرى تۇرغاندەك قىلغان. لېكىن بۇ قېتىم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئاۋال ئاپتورنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
لاڭ شيەنپىڭ، ئىقتىسادشۇناس. 1956- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دادىسى گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مايور گېنېرالى، ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى. لاڭ شيەنپىڭ ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى شاڭخەيگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1974- يىلدىن 1978- يىلغىچە تەيۋەن دۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقات ئورنىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، 1980- يىلى ئىقتىساد ئىلمى ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ماگىستېرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، مۇخبىر بولغان. 1983- يىلى 27 يېشىدا ئانىسىنىڭ ئىشەنچ باغلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ۋارتون سودا مەكتىپىدە پۇل – مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان. 1985- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن، 1986- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە مالىيە ئىلمى لېكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1987- يىلى مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتقا ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ يۆتكەلگەن، 1988- ئوھىئو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتتا زىيارەتچى ياردەمچى پروفېسسور بولغان، 1989- يىلى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتىتى ستېرىن سودا مەكتىپىدە ياردەمچى پروفېسسور بولغان. 1993- يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن ھەم ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994- يىلى ئۇ بىرلا ۋاقىتتا شياڭگاڭدىكى بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى "تاشلاپ"، 38 يېشىدا شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1997- يىلى 41 يېشىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش لېكسىيە پروفىسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن (ھازىرغا قەدەر). 1998 ~ 1999- يىللىرى "نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ بۆشۈكى" دەپ ئاتالغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ شىركەت تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگو بانكىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. (تەھرىر :uyghurbiz)

------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
! مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى
تەۋسىيە
ئالاھىدە تەۋسىيە

Archiver| Uyghurbiz.Com ( 新ICP备11000288号-3 )

GMT+8, 2012-1-14 00:21 , E -Mail : xjbiz#yahoo.com , QQ :14286588

Powered by Dedecms

© 2010-2011 Uyghurbiz.Com