پۈتۈن دۇنيادا ھەق يىغىدىغان تاشيول 140 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، 100 مىڭ كىلومېتىرى جۇڭگودا. ئامېرىكىدەك باي دۆلەتتە بىر كىلومېتىر يولغا ئېلىنىدىغان ھەق 17 پۇڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ نامرات دۆلىتىمىزدە بولسا 45 پۇڭ بولۇپ، ھەق يىغىدىغان مۇددىتىمۇ خېلى ئۇزۇن. ئامېرىكا – ياۋروپالاردا ھەق يىغىپ تەننەرخنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يول ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردىكى يول ھەققى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم پۇل تېپىش قورالى بولۇپ، ھېچقاچان توختاپ قالمايدۇ. گۇاڭدۇڭ خىيۈەن شەھىرىدىكى بىر ھەق ئېلىش ئورنى 756 يىللىق يول ھەققىنى يىغىپ بولغان. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئىككىنچى تاغ – يېقىلغۇ ماي. يېقىلغۇ بېجىنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىسىلەر. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەر بەك قىزىق. خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرىنچى بولۇپ، يېقىلغۇ بېجى يىغىپ، يول ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قارىسا يېڭى بىر باج تۈرى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ يېقىلغۇ بېجى يىغىشقا باشلىغان. يول ھەققىنىمۇ يىغىۋەرگەن. ئۈچىنچى تاغ – چوڭ تاللا بازارلىرى. كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشلىرىنى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئەمدى پەرەز قىلىپ باقايلى، مۇشۇ ئۈچ چوڭ تاغ قوشۇلۇپ، شىئەنگە ئېلىپ كېلىنگەن قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەپ كېتەر؟ مەركىزىي 2- قانالدا دىيىلىشىچە %95.قىممەت ئۆي، قىممەت كۆكتات! مۇشۇنداق ئېغىر باج – سېلىقلاردا جۇڭگودىكى ياساش كەسپى قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟
يەنە قانداقتۇر تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش دېگەندەك ئاقماس گەپلەر بار. سىلەرگە دەي، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ياساش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھەر قانداق ئېھتىماللىقى ھازىر نۆلگە تەڭ بولۇپ بولدى. نېمىشقا؟ بۇنداق ئېغىر باج – سېلىق ئاستىدا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باج يىغىشى مىنۇس قىممەتلىك، پەقەت جۇڭگونىڭلا پلوس %28 بولدى. باشقا جەھەتلەردە بىرىنچى بولالمىسىمۇ، مۇشۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى.
2. كارخانىلار مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ مەن سۆز قىلىۋاتقان بۈگۈنگىچە، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى جەمئىي 12 قېتىم، ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي بەش قېتىم ئۆستۈردى. ئاخىرىدا قاراڭغۇ بازاردىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر پىرسەنتتىن بۈگۈنكى تۆت پىرسەنتكە چىقىرىۋەتتى. تۆت پىرسەنت ئۆسۈم تۆلەپ پۇل تاپقان ئادەمنى تەلەيلىك دەيمىز. شۇڭا بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى كەسىپ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز كەسپى بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگودىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ قانچىلىك كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ 2008- يىلى ئوتتۇرا – كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىش نىسبىتى %3.7 ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى بۇلتۇر %0.6 كە چۈشۈپ قېلىپ ئاساسەن قەرز ئالالماس بولدى. بانكىلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارغا بەرگەن ئېنىقلىمىلارمۇ ئوخشاش ئەمەس. گۇاڭدا بانكىسىنى مىسالغا ئالساق، سېتىش سوممىسى 20 مىليوندىن يۇقىرى، دەسمايىسى بەش مىليوندىن يۇقىرى بولغانلار ئوتتۇرا – كىچىك كارخانا بولالايدۇ. بۇنىڭ ئاستىدىكىلەرچۇ؟ بۇلار مىكرو كارخانىلار، بۇ ئاتالغۇنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر ۋىن جياباۋ ئىشلىتىۋاتىدۇ. جۇڭگودا كرېدىت قەرزى ئالالمايۋاتقان مىكرو كارخانىلار قانچىلىك، بىلەمسىلەر؟ گۇاڭدۇڭ نەنخەينى مىسالغا ئالساق، جەمئىي 100 مىڭدەك ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار بار بولسىمۇ، گۇاڭدا بانكىسىنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىدىغىنى ئۈچ مىڭغا يەتمەيدۇ. دېمەك %97 ى مىكرو كارخانا دېگەن گەپ. ئەمىسە بۇ مىكرو كارخانىلار قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىسى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك ماكرولۇق كونتروللۇقى ئاستىدا، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار %4 لىك ئايلىق ئۆسۈمگە، %48 لىك يىللىق ئۆسۈمگە دۇچ كەلمەكتە. دەپ بېقىڭلار، ئۇلار قانداق كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقاندۇ؟ (تەھرىر :uyghurbiz)
