ۋاقىت: 2012-01-27 23:49 مەنبە:www.izdinix.com يوللىغۇچى:tumaq ئاۋاتلىقى:
لاڭ شيەنپىڭ تەبىئىتىدىنلا ئوتتۇرا – تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ، خەلىققە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رىئاللىقنى ئاشكارىلاپ، دادىل تەكلىپلەرنى بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادى، ئۆي – مۈلۈك كەسپى، جۇڭگو مائارىپى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەمئىيەت قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەكلىپلەرنى بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئوچۇق نەزەرى، ئۆزگىچە تەھلىللىرى ئارقىلىق ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ ھەمدە خۇددى خارۋارد پروفېسسورى گرېگورىي مانكىۋغا ئوخشاش چۈشەنگىلى بولىدىغان تىل بىلەن ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە ۋىدېئولىرى ئىنتېرنىتتە كەڭ تارقالغان بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. 2010- يىلى 12- ئايدا ئۇ شى خەنبىڭ، يۈ جيەنرۇڭ، دەي شۇ، گو يىپىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 300 مىڭدىن كۆپرەك تورداشلار تەرىپىدىن بىلەت تاشلىنىپ "جۇڭگو ئىنتېرنىت تورىدىكى توققۇز داڭدار شەخس" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇلار جۇڭگو تۆۋەن قاتلام خەلق رايىنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ ۋىجدانلىق زىيالىيلار دەپ قارالغان.
1. سۆۋىت ئىتتىپاقىنى جايلاش
1991- يىلى ساچىر خانىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، خيۇستوندا بىر ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ تېمىسى "بىز سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى قانداق تارمار قىلدۇق؟" بولۇپ، ئۇ مۇنداق يەكۈنلەيدۇ: "بىز يەنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قەستەن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ئېزىقتۇرۇپ، زور كۆلەمدىكى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ھەربىي سانائەت كەسپىگە سەرپ قىلغۇزۇپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە سۆرەپ كىردۇق. سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدا پۈتكۈل سۆۋىت دۆلىتىنىڭ GDP سىدا ھەربىي سانائەت %70 نى ئىگىلەيتتى."
ئۇنداقتا سۆۋىت ئىتتىپاقى نېمىشقا پارچىلاندى؟
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەربىي سانائەت پۇل تاپقىلى بولمايدىغان كەسپ. ئالايلۇق، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي زاۋۇتلىرىدا ياساپ چىقىلغان ئايروپىلان، زەمبىرەكلەر بىۋاسىتە ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاپاۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇششاق زاپچاسلارنى قانداق سېتىۋالىدۇ؟ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى قانداق تارقىتىدۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ %70 GDP سى ھەربىي سانائەت تارماقلىرى تۇرسا، مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سۆزلىمەيلا قويايلى، ئەڭ ئاددىيلا ئۇقۇم، قانداق مائاش تارقىتىدۇ؟ تارقىتالمايدۇ. نېمىشقا؟ كىرىم يوق. سىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن كەلگەنلەر بۇنى ياخشى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ؟ ئىچكى قىسىمدا ھېسابات ئاغدۇرسىلا بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم دەيدىغان نەرسە يوق، ھەممىسى قەغەز يۈزىدىكى، ھېسابات يۈزىدىكى سانلار. ئۇنداقتا قورساقنى قانداق تويغۇزىدۇ؟ خام ماتېرىياللارنى قانداق ئىمپورت قىلىدۇ؟ چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك دېگەنلەر نەدىن كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە چەتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. مائاشنى قانداق قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەت تارقىتىدۇ. ئەمىسە سوراپ باقاي، بۇ پۇللار نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ پۇللار پەقەتلا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىدىن كېلىدۇ. بىر يىلدا يارىتىلغان 30 مىليارد دوللارلىق تاشقى پرىۋوتتىن كېلىدۇ. مۇشۇ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئۇششاق زاپچاسلارنى، چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ، بارلىق سۆۋىت نوپۇسىنى باقىدۇ، ھەربىي سانائەت كەسپىنى باقىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئەمىسە ھەر قايسىڭلاردىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆۋىت ئىتتىپاقىنى تارمار قىلماقچى بولسا، قايسى بۆلىكىگە زەربە بېرىشى زۆرۈر؟ توغرا، نېفىت ئېكىسپورتىغا. پەقەت نېفىت ئېكىسپورتىنى بىتچىت قىلغاندىلا، سۆۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولىدۇ.
(تەھرىر :uyghurbiz)