
روسىيە داغىستان جۇممۇرىيىتىدىكى كىچىك تاغلىق كەنىتتە 76 ياشلىق موماي بار بولۇپ
، ياشىنىپ قالغىنى بىلەن قولى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەن . ئۇ قولى بىلەن قىينالمايلا ھەرخىل تۆمۈر ئەسۋابلارنى تۈپتۈز تاياقتەق قىلىپ ئىگىۋېتەلەيدىكەن . موماينىڭ دېيىشىچە ئۇ ھازىرغا كەلگۈچە ھېچقانداق دورا دېگەندەك نەرسىلەرنى يەپ باقمىغان ھەتتا ئۇكۇل ئۇرۇشنىڭ نىمە ئىشلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئاددىي بولۇپ ، ئادەتتە ھەرخىل مېۋىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن ، ئۇندىن باشقا يەرلىك بىر قىسىم تاماق ۋە شورپىلارنى ئىچىپ قويىدىكەن . نۆۋەتتە ئۇ جىنىس رېكورتى دائىرىلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ ، دۇنيادىكى قولىنىڭ ئەڭ كۈچى بار مومايغائايلىنىپ قالدى .








