شىنخۇا تورى فىرانكفورت 8- دېكابىر تېلېگراممىسى. گېرمانىيىنىڭ فىرانكفورتقا جايلاشقان ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 8- دېكابىر ئېچىلغان ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنىدا، ياۋرۇ رايونىنىڭ يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىشنى يەنى ھازىرقى %1.25دىن %1گە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى.
بۇ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى ئايدا ياۋرۇ رايونىنىڭ يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىشىدۇر. 3- نويابىر، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەتتى.
بۇ ئارىلىقتا ئانالىزشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى بەلگىلىشىدە مۇنداق ئىككى نۇقتىنى نەزەرگە ئالغان. بىرىنچى، ياۋرۇ رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى سۇس، كېلەر يىلى ئىقتىساد چېكىنىشى مۇمكىن. ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى. ئىككىنچى، نۆۋەتتە ياۋرۇ رايونىدا پۇل پاخاللىق نىسبىتى %3 گە يەتتى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بېكىتكەن %2لىك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىنمۇ تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋرۇ رايونىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بەلكىم %1.7گە تۆۋەنلىشى مۇمكىن، بۇ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يېقىندا ياۋروپا قەرز كرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ياۋرۇ رايونىدىكى كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قەرزى ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ زايومىنى سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى، بۇنىڭغا نىسبەتەن ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئىزچىل قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرۇپ كەلدى. بازار ئانالىزشۇناسلىرى مۇنداق مۆلچەر قىلدى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى بۇندىن كىيىن داۋاملىق تۈردە ئىككىنچى دەرىجىلىك بازاردىن زايوم سېتىۋالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆلىمىنى كېڭەيتمەيدۇ. 2010- يىلى مايدىن بۇيان، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك بازارلاردىن سېتىۋالغان زايوم جەمئىي 200 مىليارد ياۋرۇدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغان كۈنى يەنە گېرمانىيىنىڭ فىرانكفورت پاي بازىرىدا DAXنىڭ كۆرسەتكۈچى سەل ئۆرلەپ، ياۋرۇنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىشى تۆۋەنلىدى.
(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)






