ياۋروپادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى

ۋاقىت: 2012-02-02 14:03 مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى را يوللىغۇچى:admin ئاۋاتلىقى:
ULY   USY

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا باشلىنىپ، كېيىنچە تەجرىجىي ھالدا ياۋروپاغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى قايلىرىغا قەدەر كېڭەيگەن پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى تۈپەيلى ياۋروپا دۆلەتلىرى قىيىن ئۆلكەلگە دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەزا دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. كىرىزىس پەقەت گىرېتسىيە، پورتۇگالىيە، ئىرېلاندىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپاغا يېقىن دۆلەتلەر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا كىچىك تىپتىكى دۆلەتلەردىلا ئەمەس، ئىتالىيە ھەتتا فىرانسىيەگە ئوخشىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي كىرىزىس سىياسىي كىرىزىس ۋە داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. گىرېتسىيەدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ بەدىلىنى پاپاندرېئوئۇ ھۆكۈمىتى ئىستېپانامە سۇنۇش ئارقىلىق تۆلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق بىر ئۆزگىرىش ئىتالىيەدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن سبېرلۇسكونى، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس شۇنچىلىك دەرىجىدە ئېغىركى، بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ھەيران قالارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولغان سىگناللار كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بارروسسو، 24 - نويابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلالمىغان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىمۇ، 8 - دېكابىر كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش خەۋپىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھەر ئىككى رەھبەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتىن باشقا چارىنىڭ يوقلۇقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

پۈتكۈل ياۋروپنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىرىزلەرنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىنسىمۇ، بىراق بۇ كىرىزىسلەرنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى ۋە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ كىرىزىسلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، مەسىلەن ياۋرونىڭ داۋام قىلىپ قىلالمايدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ - ئايرىلمايدىغانلىقى ياكى ئەزالىقتىن چىقىرىۋېتىلىپ - چىقىرىۋېتىلمەيدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىچىكىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىشلار داۋاملاشماقتا.

ئالدى بىلەن، بۇ كىرىزىسنىڭ ۋە مەسىلىلەرنىڭ پەقەت مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك. دەرۋەقە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، قانۇنى ۋە سىياسىي / ھەربىي جەھەتتىن بىر گەۋدىلىشىشنى ياكى بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە ئورتاق چارە تېپىشتۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىشلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان ئىشلارنى ئىتتىپاق دائىرىسىدە ۋە كوللېكتىپ ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. شۇنداقلا ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىشتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىمۇ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئىزچىل ھالدا قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. (تەھرىر :ئۇيغۇربىز)

------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
! مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى

Archiver| Uyghurbiz.Com ( 新ICP备11000288号-3 )

GMT+8, 2012-1-14 00:21 , E -Mail : xjbiz#yahoo.com , QQ :14286588

Powered by Dedecms

© 2010-2011 Uyghurbiz.Com