روسىيە غەرب بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن سۇرىيەگە ئاۋىئاماتكا ئەۋە

ۋاقىت: 2012-02-02 14:04 مەنبە:uyghur.cc يوللىغۇچى:guest ئاۋاتلىقى:
ULY   USY

روسىيە غەرب بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن سۇرىيەگە ئاۋىئاماتكا ئەۋەتمەكچى
 

 

11-ئاينىڭ 23-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئول ئۈچۈنچى كومىتېت 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قارار ماقۇللاپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. سۇرىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇ قارارنىڭ سۇرىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بىلەن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتىشى، تۈركىيە باش مىنىستىرى سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ ساناقلىقلا كۈنى قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىشى غەربنىڭ سۇرىيە كىرزىسىگە ھەربىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

بىراق، روسىيە غەربنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى دېيىشىچە، روسىيەنىڭ 3 دانە ھەربىي پاراخوتى سۇرىيەنىڭ تارتۇس دېڭىز ساھەسىگە كىرىپ بولغان. ئىراننىڭ «تېھران ۋاقىت گېزىتى» روسىيەنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ روسىيەنىڭ ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق سۇرىيە كىرزىسىگە ئارىلىشىشقا تەييارلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى غەربنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى بەشىر ئاساد بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىشقا قۇترىتىشى خەلقئارالىق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن ئوخشاش قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «كۇزىنېتسوۋ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى 12-ئايدا ئوتتۇرا دېڭىزنى چارلاشقا ئاتلىنىدىكەن. روسىيە ئاۋىئاماتكىسى بۇ يىلمۇ سۇرىيەنىڭ تارتۇس پورتىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىسرائىلىيە «دېبۇكا ئارخىپلىرى» تورىنىڭ باھا بېرىشىچە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراخوت دېپلوماتىيىسى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە پارس قولتۇقىدا داۋالغۇشقا باشلىغان. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «بۇش» (CVN-77) ناملىق ۋە «ستېنىس» ناملىق (CVN-74) ناملىق ئاۋىئاماتكىلىرى ئىران دېڭىز قىرغىقىنىڭ قارشى تەرىپىدە تەق بولغان. 

(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)
------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
! مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى

Archiver| Uyghurbiz.Com ( 新ICP备11000288号-3 )

GMT+8, 2012-1-14 00:21 , E -Mail : xjbiz#yahoo.com , QQ :14286588

Powered by Dedecms

© 2010-2011 Uyghurbiz.Com