قازاقىستان ئاۋام ئارىسىدىكى قورال-ياراغلارنى يىغىۋالماقچى

ۋاقىت: 2012-02-02 14:04 مەنبە:okyan.com يوللىغۇچى:guest ئاۋاتلىقى:
ULY   USY

 

 

 

 

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-يانۋار خەۋىرى: قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوراز 1-ئاينىڭ 11-كۈنى پايتەخت ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىشىچە، قازاقىستان ساقچىلىرى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئاۋام ئارىسىدىكى قانۇنسىز قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق، زوراۋانلىق جىنايەت ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدىكەن.

ئورازنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەزگىلدە تىزىمغا ئالدۇرمىغان مىلتىق، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئۆزلىكىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەرنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئولىيىتى ۋە مەمۇرىي مەسئولىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت قورال-ياراغلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىك مۇكاپات بېرىدىكەن. ئۆزلىكىدىن كېلىپ بىر قورال تاپشۇرسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن؛ بىر تاپانچا، سىلىق ستۋوللۇق مىلتىق ۋە يەل مىلتىق تاپشۇرۇپ بەرسە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 400 ئامېرىكا دوللىرى، 300 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 100 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىكەن؛ زەمبىرەك ئوقى، مىنا ياكى گىرانات تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرگە يۇقىرى بولغاندا 70 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىكەن.

قازاقسىتان ساقچىلىرى 2008-يىلىمۇ قورال-ياراغ يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، 14 مىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورا يىغىۋالغان، 4 مىليون 360 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بەرگەن. ساقچىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى يىلى قازاقىستاندا قوراللىق جىنايەتلەر سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئازايغان.

 


 

(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)
------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
! مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى

Archiver| Uyghurbiz.Com ( 新ICP备11000288号-3 )

GMT+8, 2012-1-14 00:21 , E -Mail : xjbiz#yahoo.com , QQ :14286588

Powered by Dedecms

© 2010-2011 Uyghurbiz.Com