
بۈگۈندىن باشلاپ يەنى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئېراندىن نېفىت كىرگۈزمەيدۇ ۋە ئېراننىڭ ياۋرۇپا گەۋدىسىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكىنى توڭلىتىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 23-چىسلا بېلگىيەنىڭ بىيرۇسىلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا بۇ قارارلارنى چىقاردى. دېمەك ئېران ئەمدى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن يېڭى نېفىت ئېچىش توختامى تۈزىيەلمەيدۇ. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تاراتقۇلار ياۋۇرۇپا ئىتتىپاقى ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ-يەي، ئۇلارغا ئېراننىڭ نېفىتى بولمىسا بۇنداق بولىدۇ-يەي دەپ مۇلاھىزدە-مۇنازىرلەر قىلىشىپ كەتكەنىدى. بىراق ئويلىمغان يەردىن ياۋرۇپا ئىتتپاقى راستىنلا نېفىت سېتىۋلىشنى چەكلەش قارارنى چىقاردى.
(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)





