ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنى ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماسلىققا دە

ۋاقىت: 2012-02-21 01:07 مەنبە:okyan.com يوللىغۇچى:uyghur ئاۋاتلىقى:
ULY   USY

 

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 20-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا شىتات باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى رەئىسى دېمپىس 19-فېۋرال ئىرانغا قارىتا قۇراللىق ھۇجۇمنىڭ پەيتى كەلمىگەنلىكىنى ھەمدە ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيىنى ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ھۇجۇم قوزغىماسلىققا چاقىرغان.

  دېمپىس شۇ كۈنى ئامېرىكا  CNN تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قۇراللىق ھۇجۇم ئۇتۇقلۇق بولغان ئەھۋالدىمۇ، پەقەت ئىران يادرو پىلانىنى بىر قانچە يىل توسۇپ قېلىش رولىنىلا ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنى ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشتىن توسۇپ، بۇنىڭ رايونلار ئارا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندىگەن.

  دېمپىس يەنە :« بىز ئىسرائىلىيىگە ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشتا ناھايىتى ھوشيار بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىران تېخى رەسمىي ھالدا يادرو قۇراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى باشلىمىدى، بىز ھەم ئىسرائىلىيىنىڭمۇ بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىدىغانلىقىنى ئىشىنىمىز.» دېگەن.

  بۇندىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى دونىلون ( Donilon) ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياھۇ بىلەن بولغان سۆھبەتتە، «رايونلار ئارا خەۋپ» مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلەشكەنىدى.

(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)
------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ !
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى

بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : ئۇيغۇربىز تور بىكىتىگە ۋە بارلىق ھوقۇق تورداشلارغا مەنسۇپ، مەزمۇنلارنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ!
Copyright © 2005-2012 Uyghurbiz Website. All Rights Reserved. ICP.11000288-3
بېكەت ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بېرىڭ